سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنى قۇرغۇچىلار يىغىنىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ ، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ھەم پارلامېنتىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى قەتئى قوغداش توغرىسىدىكى باياناتى

               ھۆرمەتلىك سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ يىتەكچىلىرى  ۋە پارلامېنت ئەزالىرى! سىزلەرگە ھۆرمەت ، ئېھتىرام ئىچىدە قىزغىن سالاملىرىمىزنى يوللاش بىلەن بىرگە ، سەمىمىي ھال – ئەھۋال سورايمىز !

               ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ  چەكتىن ئاشقان مىللىي زۇلىمىغا قارشى قانلىق كۆرەشلەر بەدىلىگە 1944- يىلى 12- نويابىردا ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھرىدە قۇرۇپ چىققان مىللىي مۇستەقىل دۆلىتى_ شەرقى تۈركىستان جۇمھىرىيتى، روسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى جاھانگىر دۆلەتنىڭ تىل بىرىكتۈرىشى بىلەن قوراللىق ئىشغال ئارقىلىق 1949- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يوق قىلىپ تاشلىنىپ ، 55  يىل ئۆتكەندىن كىيىن، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ چەتئەللەرگە سۈرگۈن قىلىنغان مىللىي مۇنەۋەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ جامائەت ئەرباپلىرى تەرىپىدىن 1995- يىلىدا ئامېرىكىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق مەركىزىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن 2004 – يىلى 9- ئاينىڭ 12- 13 كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگېتوندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، شەرقى تۈركىستان مىللىي داۋاسىنى خەلقئارا سىياسىي سەھنىگە ئېلىپ چىقىش مەقسىدىدە ، شەرقى تۈركىستاننىڭ سۈرگۈندىكى پارلامېنتى بىلەن سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، 14- سىنتەبىر كۈنى ۋاشىنگىتوننىڭ كونگرە بىناسىدا پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا  جاكارلىغان ئىدى.  

                 بۇ خەۋەر دۇنيا مىقياسىدا گۈلدۈرماما ساداسىدەك ياڭراپ ، خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى تېلېۋىزور ، تور تاراتقۇلىرى ، رادىئو  ۋە گېزىت-ژورناللاردا مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

              شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلغانلىق خوش-خەۋىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خوشاللىق كۆز ياشلىرى بىلەن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇلارغا بۈيۈك ئىلھام ، تەسەللى، جاسارەت ۋە ئۈمۈتۋارلىق بېغىشلىغان ، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرىكىگە مىخ بۇلۇپ سانجىلىپ، ئۇنى قاتتىق ئالاقزادە ۋە بىئارام قىلىۋەتكەن ئىدى .

                سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ سىياسى ،ئىقتىسادى ئىمكانىيەتلىرىنىڭ چەكلىك بولىشىغا قارىماي، پىداكارلىق بىلەن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرى ، كانادا ،ياپۇنىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 8 قېتىپ ئومومىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ۋە بۇ داۋانىڭ ھەققانىيەت داۋاسى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا مۇھىم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى .                                      

                    سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى  ۋە دۇنيادىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتلىرى، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيتىنى بەكمۇ بىئارام قىلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىش ۋە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش خام خىياللىرىنى بۇزىۋەتتى . مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا خىتاي سوتسيال جاھانگىرلىكى 2017 – يىلىدىن باشلاپ تېرورىزىمغا ۋە دىنىي رادىكالىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندا نازى جازالاش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ، قازاق ، قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنى بۇ جازالاش لاگىرىغا قاماپ، ئۇلارغا ئەڭ دەھشەتلىك ماددى ۋە مەنىۋى قىيىن – قىستاقلار بىلەن ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ، مېڭە يۇيۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يوقۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى . خىتاي ھۆكۈمران گوروھىنىڭ بۇ خىل فاشىزىملىق، ئېتنىك، مىللىي سويقىرىمىغا خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق مەيدانغا كەلدى . كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى قىممەت كۆز قارىشىغا ئىگە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى 23 دۆلەت، خىتاي ھاكىمىيتىگە جازالاش لاگىرلىرىنى دەرھال تاقاش ۋە ئۇ يەرلەرگە قامالغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنى دەرھال قۇيۇپ بېرىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

                     چەتئەللەردىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە قۇرغان تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ بەش قىتئەسىدە نامايىش دولقۇنلىرى قوزغاپ، خىتاي ھاكىيمىتىنىڭ بۇ زوراۋانلىق ۋە فاشىزىملىق سىياسىتىگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتتى . خىتاي ھۆكىمىتى ئۆزىنىڭ چەتئەللەرگە يەرلەشتۈرگەن ھەر خىل نىقاپلارغا كىرگۈزگەن جاسۇسلىرى ئارقىلىق پىتنە – ئىغۋالار پەيدا قىلىپ ، تەشكىلاتلارنى پارچىلاپ يوقۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى . دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى ئىچىدە مۇھىم بىر مەۋقەدىكى  مەلۇم بىر شەخس، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن ھېچ قانداق بىر مۇزاكىرە ئېلىپ بارماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن 2018 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا تور تاراتقۇ ۋاستىسى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنى تارقىتىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئۇنىڭ ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئېلان قىلغان باياناتى ،  سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى قوللىغان خەلقىمىز تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىپلىنىپ لەنەتلەندى . 2018 – يىلى 10 – ئايدا تۈركىيەنىڭ مۇگلا شەھرىدە شەرقى تۈركستانلىقلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ” تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە يىغىنى ” دا شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بۇ بايانات قاتتىق ئەيىپلىنىپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى سۈردۈرۈۋاتقانلىقى ، ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان شەخىسنىڭ سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ئەچىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى جاكارلاندى .

            بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كىيىنكى بىر يىل ئىچىدە، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلەر يەنە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.

سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بەزى شەخسلەر، يامان نىيەتلىك ۋە قۇتراتقۇچى ئايرىم كىشىلەرگە ئالدىنىپ، مەزھەپچىلىك ۋە شەخسى قەھرىمانلىق ئىللەتلىرىنى ئەۋچ ئالدۇرۇپ ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆز-ئارا مەسلىھەت ۋە كوللىكتىپ رەھبەرلىك قىلىش ئەنئەنسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ھۆكۈمەت ئىچىدە بۆلۈنۈش خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى. نەتىجىدە سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بەزى قارارلارنى ئالدى . بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرىدە 2019- يىلى 4 – ئايدا ئايرىم شەخىسلەرنىڭ ئاچقان يىغىنى ۋە ئۇنىڭدا ئېلىنغان قارارلار ۋە بۇنىڭغا جاۋابەن  2019 – يىلى 5- ئاينىڭ بېشىدا تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان قارارلار ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ  بىر پۈتۈنلىگىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلدى .

         بىز كىچىك كۆلەملىك بۇ ئىككى يىغىننىڭ ئايرىمچىلىقىنى ئاساس قىلغان، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتىنى پارچىلاشقا سەۋەپ بۇلىدىغان قارارلىرىنى، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايمىز . چۈنكى بۇ قارارلار سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ ئومومى يىغىنلىرىدا ئېلىنمىغان بۇلۇپ ، ھۆكىمەت ئەزالىرىنىڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىگى قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئېلىنغان قارارلاردۇر .

             سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى، تارىخ سەھنىسىگە چىققان 2004- يىلىدىن بېرى، ئۆزىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل توسالغۇلارنى يىمىرىپ تاشلاپ ، سۈرگۈن ھۆكىمىتىنىڭ بىرلىك  ۋە پۈتۈنلىكىنى 13 يىلدىن ئىبارەت بىر تارىخى جەريان ئىچىدە قەتئى قوغداپ ، شەرقى تۈركىستان مىللى داۋاسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتى تەرپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى، مىللى مۇستەقەللىقنى قولغا كەلتۈرىشتىن ئىبارەت» دىگەن  ئىستىراتىگىيلىك كۆز قاراش، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئىجتىمائى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان بۇگۇنكى كۈندە، كونا مۇستەملىكىچلىك سىياسىتىنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تارىختىن بېرى قوللۇنۇپ كەلگەن پىتنە _ئېغۋالىرىنى بازاغا سېلىپ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتىنى «بۈلۈش، پارچىلاش ۋە ئاخىرىدا يوقۇتۇش» تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، جىددى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى جىددى ھالدا ئەۋج ئالدۇردى. مۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنى بۆلۈپ پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش _ خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇشتەك ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشتەك خەۋپلىك خاتا يولدىن ئىبارەتتۇر . مۇنداق بىر خاتا يولغا ھەۋەسلىنىش ، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستانغا قىلىنغان بۈيۈك بىر جىنايەتتۇر. شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا قىلىنغان ئەڭ رەزىل خىيانەتتۇر . شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللى مۇستەقىللىق داۋاسىغا ساپ نىيەت بىلەن بەل باغلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە كۆز قاراش پەرقلىرىنى سەمىمىي نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان دېموكوراتىك مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .

             بۇ ئەھۋالنى نەزەرگە ئالغان ھالدا، ۋەتەن داۋاسىغا باش قويغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلار، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى بىر نەچچىگە بۈلۈنۈپ كېتىشتەك خەۋپلىك ئاقىۋەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ  بىرلىگى ۋە پۈتۈنلىگىنى قەتئى قوغداپ قېلىشىمىز لازىم .   

          سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنى  قۇرغۇچى يىغىن ئەزالىرى ۋە جامائەت ئەرباپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ،  سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بارلىق كونا يىڭى مەسئۇللىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنپەرۋەر شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسۈتۈشكە ۋە قەتئى قوغداپ قىلىشقا چاقىرىمىز. سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ، بۇ جىددى چاقىرىقىمىزغا بىردەك ئاۋاز قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .

            سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ 9- نۆۋەتلىك ئومومىي قۇرۇلتىيىنى ، ئۆز _ئارا مۇزاكىرە ئارقىلىق پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ، بىر ئورۇندا  ئۆتكۈزىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. شۇنداق قىلغاندىلا سۈرگۈن ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ قۇرغۇچى يىغىنىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ، 9- نۆۋەتلىك ئومومىي قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز . ئەكسى ھالدا، بۆلۈنگەن ھالدا ئېچىلغان يىغىنلارنى قانۇنسىز يىغىن ھېساپلاپ، ئۇنىڭغا قەتئى ئىشتىراك قىلمايمىز .

             ئختىلاپ ۋە پەرقلىق كۆز قاراشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھۆكىمەت ۋە پارلامېنت مەجلىس  قۇرۇلمىسىنى ھازىرلاشقا بىرئاز زامان ئېھتىياجى بۇلىدىغان بولسا، 9 – نۆۋەتلىك ئومومىي قۇرۇلتاينى 2019- يىلى 11- ئايدا ئەمەس، 2020 – يىلى 5- ئايلاردا ئۆتكۈزۈشكە بۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۇيغۇن كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلدىرىمىز .

2019 – يىلى 9-ئاينىڭ 14 – كۈنى سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىمىز ۋە ھۆكىمىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15- يىلى بۇلۇپ، بۇ مۇقەددەس كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن !

ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن      

              ئەخمەت ئىگەم بەردى ئەپەندى.    

      سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى

               سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى ئەپەندى.

         سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغىچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى

خىزىر بەگ غەيرەتۇللاھ ئەپەندى .    

               سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ،سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇر رەئىسى ئورۇن باسارى

 دىميان رەخمەت ئەپەندى            

             سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ، سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى.

 ياقۇپچان ئەپەندى  

            سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ،     سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكىمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئورۇن باسارى.

                   مەھەممەد ئالى ئەنگىن ئەپەندى .

                سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى،     سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى.

            تالات قوچيىگىت ئەپەندى .

               سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ،     سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى

سېيىتنىسا لوقمان خانىم

سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپ ئورۇنباسارى

  مەلىكە مەھەممەد ئەلىۋا خانىم .

سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكىمىتىنى قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ،سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى.

          يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى 2019 –

About The Eastturkistan Government in Exile
The Official Website of Eastturkestan Government in Exile

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

%d bloggers like this: